[Jeck] ئۇنتۇغاقلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى

[Jeck] ئۇنتۇغاقلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى

باشلانما

ئۇنى-بۇنى دەپ يەنە بىر مەۋسۈمنى يولغا سېلىۋەتتۇق. تەتىل قىلىپ ئىككى كۈننىڭ ياقى چۈشكىچە ئۇخلاپمۇ ھاردىم، تۆت ئاينىڭ ياقى ئىزدىنىشقىمۇ جىق يولىماپتىمەن، ئىككىنچى ئىشنى قولۇمغا ئېلىپ بولغىچە بىرەر كۈن بىكار ئىكەنمەن، ئانچە-مۇنچە كونا دوستلار بىلەن مۇڭداشقاچ، يېڭىياچىلار بىلەن تونۇشقاچ، ھەممىمىز ئۇچرىغان لېكىن ئىزدىنىشتا ھەممىدىن ئاز پاراڭ بولىدىغان ئەمىلىي تېمىلاردىن پاراڭ سوقۇپ باقايلىمىكىن دەيمەن.

بۈگۈنكى باش تېما: ئۆگىنىش.

بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان ھەم بۇ ئويلىنىش تېخى ئاخىرىلاشمىدى. چۈنكى بۇ توغرىلىق مۇنداقلا ئويلانسا ناھايىتى ئاددىي. ئۈستەل-ئورۇندۇقتىن بىرنى تېپىپ، كۆز ئەينەكنى تاقاپ، قولغا قەلەم ئېلىپ قەغەزگە جىجاشنى باشلىساق ئۆگىنىش قىلغان بولىمىز. لېكىن چوڭقۇرراق ئويلىساق ئۇنىڭ تېگىدە نۇرغۇن مەزمۇن بار. شۇنداق قىلساقلا ھېسابمۇ؟ «پالانىچى مەندىن ئاز ئۆگىنىدۇ، لېكىن نەتىجىسى نېمىشقا مېنىڭكىدىن يۇقىرى؟» دېگەندەك سوئاللار ھەر ۋاقىت بىزگە ھەمراھ... شۇنىڭدەك بۇنى تەھلىل قىلىپ چوڭقۇرلىساق بۇ بېرىپ چېتىشمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى، مائارىپ تۈزۈلمىسى، جەمئىيەتنىڭ كۆز قارىشى قالمايدۇ. بۈگۈن ئۇنداق چوڭقۇرلاپ بولغۇدەك تەييارلىق يوق. لېكىن «ھېچ بولمىسا ئوقوش جەريانىدا ئۇچرىغان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىپ باقساق» دېگەن ئۈمىددىمەن.

تور خاتىرىسى «قۇرۇۋالغاندىن» بېرى خېلى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش ۋە ئالىي مەكتەب تۇرمۇشى توغرىسدا جىق سوئاللارنى سورىدى، ئوقۇش ۋاقىتىدا ئالدىراش بولغانلىقىم ئۈچۈن، «بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسگە تەتىلدە بىراقلا يازما يېزىپ جاۋاپ بىرىمەن» دەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن مۇشۇ باھانىدە يازمىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ياكى يازمىنىڭ مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ شۇ سوئاللارغىمۇ ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بىرلىشىپ مەكتەبتە ئۇچرايدىغان بەزى زىددىيەتلەر ۋە ئۇلارغا بولغان مېنىڭ كۆز قارىشىمنى قىستۇرۇپ قويىمەن. بۇ تېما تىل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، خالاس. ئوقۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بەزى يەرلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. لېكىن «ھەممىنى شۇ بويىچە قىلىمەن» دەپ ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىۋالماڭ. چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ. بەزىلەرگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل بەزىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بەك نەزىرىيىۋىي ئۇسۇللارنى كۆرسەتمەي ئەمىلىي ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسدا پىكىرلىشىدىغانلارنى قارشى ئالىمەن.

باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز. كەرە يادلاشنى باشلىغاندىن تارتىپ «ئۆگىنىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە ھەمرا بولۇپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە ئىككىگە ئىككىنى كۆپەيتسە تۆت بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتىيۇ لېكىن شۇنى قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن يادلىغان نەرسىنى ئوقۇتقۇچىغا ئەتىسى يادلاپ بېرىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن ئۇنتۇپ كەتتۇق. بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەب پۈتتۈرگىچە 15-17 يىل ھاياتىمىز ئاساسەن ئوقۇش، ئۆگىنىش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن بولدى. لېكىن «قانداق ئۆگىنىش قىلساق بولىدۇ؟» دېگەن تېما ئۈستىدە سۆزلىگەن ئادەمنى ئىچكىرىگە كىرىشتىن بۇرۇن كۆرمىدىم ياكى ناھايىتى ئاز كۆردۈم. بۇرۇنقى ئۆتۈپ كەتكەن نەزىرىيىۋىي، خىيالىي مائارىپ ئەندىزىسىدە، بىزگە كىچىكىمىزدە «ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەش، يېرىم سائەت خەنزۇچە سۆزلۈكنى يادلاش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنە يادلاش» دېگەندەك بەك جىق نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن ھەم شۇ بويىچە قىلىشقا تىرىشقان. لېكىن كېيىن سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى بولسا، شۇنداق قىلالايدىغانلار ئىككىدىن ئاشمايتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئەتىگەندە يۈگۈرمەيتتى، مەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىم. بىزگە سىڭدۈرۈپ قۇيۇۋەتكەن شۇ بىر قاتاردىكى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى قىلىپ بولالمىغاچ دائىم ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم. «پەقەت شۇنداق قىلىسلا ئاندىن نەتىجە چىقىدۇ» دەپ ئويلايتتىم. لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىلدىمكى، ئەتىگەندە ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلاپ، چۈشتە ياكى كەچتە يادلىسىمۇ بولىۋېرىدىكەن. ئەتىگەندە يۈگۈرمىسە، كەچتە يۈگۈرسىمۇ بولىۋېرىدىكەن. ئۈستەل ئۈستىگە كېلىپ، قولغا قەلەم-قەغەز ئالمايمۇ ئۆگەنگىلى بولىدىكەن. چۈنكى مەن زادى ئۈستەل-ئورۇندۇق تېپىپ، قولۇمغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ بىر نەرسە ئۆگەنمىسەم ئۆگەنگەندەك بولمايتتىم. نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى شۇ بويىچە قىلماي، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل بويىچە قىلسىمۇ ئوخشاش نەتىجە چىقىدىكەن. ئادەم دېگەن شۇنداق گول نەرسە ئىكەن: بەزى نەرسىلەر كاللىغا بەك قۇيۇۋېتىلگەن بولغاچقا، ھەممە نەرسىنى شۇ بويىچە قىلمىسا قەتئىي باشقا يول يوقتەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن. ھەم بىر مۇنچە جاپا تارتىپ، ئاندىن بەزى ئاددىي ماھىيەتلەرنى چۈشىنىدىغان گەپكەن. بۇنىڭ بىر مىسالى: تىل ئۆگىنىش.

ئۇنتۇپ تۇرۇپ تىل ئۆگىنىش

مېنىڭ ئۇنتۇغاقلىقىم تونۇش-بىلىشلەر ئارىسىدا «داڭلىق». ئۆگەنگەن نەرسىدىلا ئەمەس، تۇرمۇشتىكى جىق نەرسىلەرنىمۇ ئۇنتۇپ تۇرىمەن، بەزى نەرسىلەرنى يىتتۈرۈپ تۇرىمەن. شۇڭىمۇ يادلايدىغان نەرسىلەر بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق. بۇرۇن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەممە ئادەم فىزىكا، ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن قورقسا، مەن ئەدەبىيات، ئۇيغۇر تىلى، سىياسەت، تارىخ دەرسىدىن قورقىتىم. چۈنكى بۇ دەرسلەردە يادلايدىغان نەرسىلەر قۇمدەك جىق ئىدى. يادلاپ بولالماي يېرىم كېچە بولۇپ كېتەتتى. لېكىن بۇ قېرىشقاندەق، بىزنىڭ مائارىپمىزنىڭ قېلىپىنى تۈزگەنلەر ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك «ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار، بىر يادلىغان نەرسىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ» دەپ پەرەز قىلىپ ئولتۇرۇپ تۈزۈپتىكەن. تىل ئۆگىنىش ئۇزۇن ۋاقىت قىينىدى، ئوتتۇرا مەكتەبتىكى نۇرغۇن ۋاقىتىمىز خەنزۇچە سۆزلەرنى يادلاش بىلەن ئۆتتى. ئالىي مەكتەبتىكى جىق ۋاقىتىمىز ئىنگلىزچە سۆزلەرنى يادلاش بىلەن ئۆتتى. شۇنچە سەرپ قىلغان ۋاقىتقا چۇشلۇق بۇ چاغقىچە شۇ تىللارنىڭ ئۆلىما ئاخۇنۇمى بولۇپ كەتسەك بولاتتى. لېكىن ئۇنداق بولالايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولدى. خەنزۇچە ئۆگەنگەن ۋاقىتلار بەك بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغاچقا ھەم ھازىر كۆپىنچە ئادەمنىڭ مەسىلىسى ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش بولغاچقا شۇنى تۇتقا قىلىپ پاراڭ قىلىپ باقايلى.

ئىنگلىز تىلىنى ئالىي مەكتەبنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇ سىنىپتا ئىنگلىز تىلى ئۆتۈدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەكتەبكە بېرىشتىن 15 كۈن بۇرۇن كىتاب تېپىپ دەسلەپكى بەش-ئالتە دەرسنى كۆرۈپ قويغان. كېيىن ئوقۇش باشلىدى، ئۆگىنىشنى باشلاپ كەتتۇق. ئاساسلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىمىز تۆۋەندىكىچە:

ئالدى بىلەن، ھەر بىر دەرسنىڭ سۆزلۈكىنى يادلايمىز. بىر دەرستە دەسلەپتە 10 ئەتراپىدا سۆزلۈك بار. كېيىن چوڭقۇرلاشقانسېرى بۇ سۆزلۈكمۇ جىقىيىپ بارىدۇ. كېيىن بىرەر يۈزدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى سۆزلۈكنى بىزگە ئوقۇتۇپ سۆزلەرنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنى يادلاشنى باشلايمىز، يادلىغاندا ئوقۇتقۇچى سۆزلۈكنى ھەرپ بويىچە يادلاشنى ئۆگەتكەن. مەسىلەن «book» دېگەن سۆز بولسا، «b, o, o, k, book» دەپ يادلايتتۇق. مۇرەككەپرەك سۆزلۈك بولسا توغرا يادلاش بەك تەس ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ دەرستىكى گىرامماتىكىنى ئۆگىنىمىز، ئارقىدىن تېكسنى ئوقۇپ چۈشىنىمىز، كەينىدىن تېكستىنى يادلايمىز، كەينىدىن مەشىقلىرى بار، مەشىق ئىشلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر دەرس تۈگەيدۇ. ھەممە مەكتەبتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن شۇ تەرتىپ بويىچە دەرس ئۆتىدۇ. بۇرۇن خەنزۇچىنىمۇ شۇ بويىچە ئۆگەنگەن. ئوقۇتقۇچى دەسلەپتە بىر يىل ھەممە دەرسنىڭ تېكستىنى بىزگە يادلاتقۇزۇپ، دەرستە شۇ بويىچە يازغۇزۇپ سىناق ئالاتتى. شۇڭا چوقۇم يادلايتتۇق. شۇ بويىچە بىر يىل ئۆتتى. جىق زېھنىمىز سەرپ بولدى، لېكىن نېمىشقىكىن ئمتىھاننى نورمال، جايىدا بەرگىلى بولغان بولسىمۇ لېكىن قانائەت ھېس قىلمىدىم. بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ بىر قىسىم كىتاب تۈگىتىپ، ئىككىنچى كىتابنى باشلىغاندىن تارتىپ ناھايتى تەس تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. گىرامماتىكىسىنىڭ «ياڭزىسى» چىققىلى تۇرىدۇ. سۆزلۈك جىق بولۇپ كېتىدۇ. مەشقلىرى تەسلىشىدۇ. ئانچە-مۇنچە ئېغىزىمىز ئېچلىپ، سۆزلەپ بېقىشقا ئۇرۇنىمىز، لېكىن ياخشى سۆزلىيەلمەيمىز. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەبتە تۆت يىل ئوقۇپ، «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» (New Concept English) نىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن چىقالماي، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەنلەر خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئىككىنچى قىسمنى ياكى شۇنىڭغا تەڭداش كىتابنى يېرىملاشتۇرۇپ تۈگىتەلمەي كەتكەنلەرگە قاتساق، كەم دېگەندە «%70 كە بارىدۇ» دېسەك، مېنىڭچە ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. كۆزىتىشىمچە، ئالىي مەكتەبگە ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇش داۋامىدا، ئىنگلىز تىلى كورسلىرىغا قاتنىشىپ باقىدىكەن. تەتىلدە ئۆيىگە قايتماي قاتنىشىدۇ، مەۋسۇم داۋامىدا ئشتىن سىرت قاتنىشىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى ئاساسەن ئىككىنچى قىسىم كىتابنى تۈگىتەلمەيدۇ. بىر كورسقا بىر قاتنىشىپ، بىر مەۋسۇمنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، يەنە شۇنىڭغا تەڭداش كورسلارغا قاتنىشىدۇ. شۇڭىمۇ ئۈرۈمچىدىكى تىل تەربىيلەش مەكتەبلىرى خېلى پۇل تاپىدۇ. مەنمۇ ئۆز ۋاقىتىدا ئويلاپ باقسام، ئاشۇ باسقۇچقا بېرىپتىكەنمەن. ئۆگەنسەم، ئۆگەنسەم ئېسىمدە تۇرمايدۇ. يادلاپ تۇرىمەن، سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىپ تۇرىمەن، خېلى ئۆگەنگەندەك ھېس قىلىپ، كىتابقا قارىسام يەنە ئۇقمايمەن، ئىشقىلپ جىق ۋاقىت سەرپ قىلدىم، كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇنداق مېڭىۋەرسەم ئايىقىنى چىقىرالمايدىكەنمەن. دەسلەپتە ھەر بىر دەرس ئاز ئىدى، كېيىن بارغانسېرى جىقايدى. يەنە شۇنداق مېڭىۋەرسەم، شۇ ۋاقىتتىكى سەرپ قىلغان ۋاقىت بويىچە ھېسابلاپ باقسام بەك جىق ۋاقىت بولۇپ كەتتى. ئوقۇيدىغان دەرس ئىنگلىز تىلىلا ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟

شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى مەندىن چوڭلارنى ئىزدەپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم. مەكتەبتە ئاز بولسىمۇ لېكىن ساز بولغان بىر قىسىم ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بىزمۇ چوڭ بىلەتتۇق. مەسىلەن، قەيسەر مىجىت (ھازىر خارۋارددا دوكتۇر ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ)، ئالىم ئەيسا (يېقىندا گېرمانىيىدە دوكتۇرلۇقنى تۈگىتىپ، دوكتۇر ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) دېگەندەك. مەن پات-پات ئالىم بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ تۇراتتىم. بىر ھەپتىسى كەچتە ئالىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ئۇچرىغان مەسىلىنى دېدىم، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۈلۈپ كېتىپ ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇن شۇنداق بولغانلىقىنى، ئاخىرى ئۆگىنش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل تاپقانلىقىنى دېدى. ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. يېڭى ئۇسۇللارنى، مەسلىھەتلەرنى بەردى ۋە شۇلارنى سىناپ بېقىشنى بۇيرۇدى. ئەڭ مۇھىمى، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ، كۈندە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە، ئۆزى ياتىقىمغا كېلىپ ئۆگىنىشمگە بىۋاسىتە ياردەم بەردى، نۇرغۇن خام كەتكەن يەرلەرنى زاغرا تىل بىلەن ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كاللامنى ئېچىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە ئۆز ئەھۋالىمغا ئاساسەن ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتىم ۋە شۇ بويىچە ئۆگەندىم. لېكىن خىيالمدا يەنىلا ئازراق «قانداق بولار؟» دەيدىغان ئەندىشە بار ئىدى. ئىچكىرىگە كىرىپ، بىرىنچى يىلدا سىنپتىكى ھەممەيلەننى بىر تۇتاش ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىغا (CET-4) تىزىملاتتى، ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا، مەن ئۆزۈم ئويلىغاندىكىنمۇ خېلى يۇقىرى ئاپتىمەن. شۇنداق خۇشھال بولۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەسلى مېنىڭ خىيالىمدا ۋە بەزىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بەك تەسلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ بەرگىنىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەبنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى يىللىرىدا بۇ ئمتىھاندىن 61، 62 نومۇر ئېلىپ ئۆتسەكمۇ خېلى چوڭ ئىش قىلغان بولاتتۇق. يېڭى ئۇسۇل بويىچە پىلاندىن بۇرۇنلا ئۆتۈپ كېتپتىمەن، دېمەك بۇ ئۇسۇل بولىدىكەن. سىناقتىن ئۆتتى. ھېچ بولمىسا ماڭا بولىدىكەن.

مەن يېڭى ئۆگىنىش ئۇسۇلىم بىلەن بۇرۇنقى ئۆگىنىش ئۇسۇلىمنى سېلىشتۇرۇپ بىرەي.

ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم (تۆت سائەت) تىن دەرس ئوقۇپ تىل ئۆگىنىپ، ئىككىنچى يىلغا قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى بىر دەرسلىكنى مىسالغا ئالايلى. «ئۆزىڭىز ئۆگەندىڭىز» دەپ پەرەز قىلىڭ. ئادەتتە ئۇ دەرستە 50 ئەتراپىدا سۆز بولىدۇ، گىرامماتىكىسى قوشما جۈملە، زامانلارنىڭ ھەر خىل ئىشلىتىشى، بەزى بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى دېگەندەك يەرلەرگە كەلگەن بولىدۇ. بىر يېرىم بەت ئەتراپىدا تېكست بولىدۇ. ئۈچ، تۆت بەت ئەتراپىدا مەشىق بولىدۇ. دەسلەپتە سۆز يادلايسىز، 50 سۆزنىڭ بىرىگە بىر مىنۇت سەرپ قىلغان بولسىڭىز، ئىسراپ قىلغان ۋاقىتنى قوشقاندا بىر سائەت بولىدۇ. ئارقىدىن گرامماتىكىنى ئۆگىنىمىز. 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. تېكستنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ چۈشىنىشكە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەشىقىنى ئىشلەيمىز، ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. جەمئىي قوشساق، بىر دەرسكە 60+40+120+180=400 مىنۇت، ئالاھەزەل يەتتە سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى، دېگەن گەپ. قاراپ باقساق يەتتە سائەت دېگەنغۇ جىق ۋاقىتمۇ ئەمەس. لېكىن ھەممىسىگە يەتتە سائەت بولۇشى ناتايىن، مەسىلەن «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» غا چۈشكەندە، بىر دەرسنى ئۆزىڭىز ئۆگىنىپ، يەتتە سائەتتە تولۇق تۈگىتەلمەيسىز. ئارلىقتا نۇرغۇن ئۇنتۇپ قېلىشلار بولىدۇ. مەسىلەن 50 سۆزلۈكنى بىر سائەتتە يادلىسىڭىز، تېكستنى ئوقۇغاندا، ھەر بىر يېڭى سۆز، سۆز بىرىكمىسىگە ئۇچرىغاندا كەينىگە بېرىپ سۆزلۈك جەدۋىلىنى يەنە بىر قېتىم ئاختۇرۇپ مەنىسىگە قارايسىز («ئۇنداق قىلىپ باقمىدىم» دېسىڭىز يالغان ئېيتقان بولىسىز). «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» ئۇنداق بۇرۇنقىدەك ئاسان ئەمەس. سۆزلۈكنى بىر يادلىدىڭىز، كەينىدىن تېكستنى چۈشەنگەندە يەنە بىر قېتىم ئاختۇردىڭىز، «خىزمەت قايتىلاندى» دېگەن گەپ. مەشىقنى ئىشلەشكە بىر مۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ، مەشىقلەر ئاسان ئەمەس. ئارلىقتا يەنە گىرامماتىكسىغا قارايدىغان گەپ. بۇ دەرسنى ئۆگىنىپ بولسىڭىز، كەينىدىن ئىككىنچى دەرس سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئالتىنچى دەرسنى ئۆگىنىپ بولۇپ بىرىنچى دەرسكە قارىسڭىز، يەنىلا ئۇنىڭ %50-40 ىنى ئۇنتۇپ قالىسىز. مانا بۇلار بۇرۇنقى ئۆگىنىش ئۇسۇلىم. دېمەك، ھەر قانچە پىششىق ئۆگەنسەممۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. بىر دەرستە تۆت سائەت سەرپ قىلساممۇ كەينىگە يېنىپ يەنە تەكرار قىلىپ كۆرىمەن، سەككىز سائەت سەرپ قىلساممۇ كەينىگە يېنىپ يەنە كۆرىدىكەنمەن. ئەمىسە مەن تەتۈر ئويلاپ باقاي، بەرىبىر كەينىگە يانىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، بىر دەرسكە تۆت سائەت سەرپ قىلىپ، چالا بولسىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە تۆت سائەتكە ئىككىنچى دەرسنى ئۆگىنەي. قانداق بولار؟ شۇنداق ئويلىنىپ، ھەم سىناق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇنتۇغاقلارغا ماس كېلىدىغان باشقىچە بىر ئۆگىنىش ئۇسۇلى شۇنىڭ بىلەن روياپقا چىقتى. بۇنىڭ پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:

1. يادلىغان نەرسىنى ئادەم ئۇنتۇپ قالىدىكەن، شۇڭا يادلىماسلىق كېرەك.
2. ئۇنتۇپ قېلىش ئادەمنىڭ تەبىئىتى، شۇڭا بىر ئۆگەنگەن نەرسىنى يەنە تەكرار قىلىش كېرەك.
3. چوقۇم تەكرار قىلىش لازىم بولغاندىن كېيىن، بىر دەرسنى ئۆگەنگەندە چالا ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ.
4. بىر دەرسكە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر دەرسكە پىششق بولغاندىن، شۇ ۋاقىتنى كۆپ دەرسكە سەرپ قىلىپ، پىششق بولمىسىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇغان ياخشى.
5. بىر دەرسنى بىر گەۋدە ئەمەس، بىر كىتابنى بىر گەۋدە دەپ قاراپ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈش.


يۇقۇرىقىلار بىر قارىسا قىزىقارلىق، بىر قارىسا ئاددىي، لېكىن مېنىڭ شۇنى ھېس قىلىشىم ئۈچۈن جىق ۋاقىتىم كەتتى. ھېس قىلغاندىن كېيىن، شۇ بويىچە ئۆگەندىم، ماڭا ماس كەلدى. شۇنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بىرمۇ تېكست يادلاپ باقمىدىم. تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىنى بېرىشتىن بۇرۇن سۆزلۈك جەدۋىلى يادلاپ باقمىدىم. قىزىقىدىغانلار سىناپ باقسا بولىدۇ. كېيىن يەنە ئۆزۈم ئۆگەنگەندە، مەشىق ئىشلەشنى تاشلىۋەتتىم. پەقەت ئىمتىھان بولسا، ئاندىن مەشىق ئىشلىدىم.

ئۇنداق بولسا بۇ پىرىنسىپلارنى قانداق تەدبىقلاش كېرەك؟

مەسىلەن، «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئىككىنچى قىسىمنىڭ ئالدىدىكى 50 دەرسنى بىر گەۋدە، دەپ قارايلى. بىرىنچى دەرستىن باشلىدىم. ھەر بىر دەرسنى ئۆگىنىش تەرتىپى: تېكست، لازىم بولسا، باشقا تەركىبلەر. تەرتىپ ھامىنى شۇ. باشتا دەپ ئۆتكەندەك، باشقا تەركىبنى بۇرۇن ئۆگىنۋالسىڭىز كېيىن، ئوخشاشلا يەنە ئاختۇرىسىز. تېكستىن باشلاپ ئوقۇيمىز، يېڭى سۆزلۈك ئۇچرىسا، شۇ سۆزنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويۇپ، ئاندىن كەينىدىكى بەتتىكى سۆزلەر جەدۋىلىگە قاراپ، شۇ سۆزنىڭ مەنىسنى تېكست بار بەتتىكى بىر يەرگە يېزىپ، ئاستى سىزىلغان سۆزگە تۇتاشتۇرۇپ قويىمىز. سۆزنىڭ مەنىسىنى شۇ سۆزنىڭ ئۈستىگىلا يازماڭ. چۈنكى ئۇنداق قىلسىڭىز، ھەر ۋاقىت شۇ سۆزنى كۆرسىڭىز مەنىسىنمۇ بىللە كۆرىسىز، ئەستە تۇتۇشقا پايدىسىز، ياندىكى بوش يەرگە ياكى ئابزاسننىڭ ئۈستى، ئاستىدىكى بوش يەرگە يېزىپ تۇتاشتۇرۇپ قويسىڭىز، لازىم بولسا شۇ ھامان كۆرىسىز، ئىككىنچى بەتنى ئېچىپ سۆز ئىزدەپ ئاۋارە بولمايسىز. (ئەسلى نەشردىكى كۆپىنچە ئىنگلىزچە كىتابلاردىكى تېكست قىسىمىنىڭ ئوڭ ياكى سول يانلىرىدا، مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى يېزىش ئۈچۈن مەخسۇس ئېلىپ قويۇلغان بوشلۇق بار بولىدۇ. تەھرىردىن) شۇ بويىچە تېكست ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈشەنمەيدىغان گىرامماتىكا ئۇچرىسا گىرامماتىكا قسىمىنى ئاختۇرۇپ چۈشىنىسز. شۇنداق قىلىپ، بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ بىر تېكستى تۈگەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بولدى. شۇ تېكستتىكى %70 مەزمۇننى چۈشەنسىڭىز بولدى، ئادەتتە ئادەمنىڭ ئەڭ جىق ۋاقىتىنى ئالىدىغىنى ئېشىپ قالغان %30 مەزمۇن. ئەگەر سىز شۇنىڭغا كىرىشىپ ئولتۇرسىڭىز، يەنە بىر يېرىم سائەت ياكى ئۇنىڭدىن جىق ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ بىر يېرىم سائەتتە سىز ئىككىنچى دەرسنى مۇشۇ سەۋىيىدە تۈگىتەلەيسىز، دېگەن گەپ. تېكستنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن، تېكستنى ئوقۇڭ. سىرتقا چىقىپ ئۈنلۈك ئوقۇسىڭىزمۇ، ياكى ئىچىڭىزدە كۈتۈپخانىدا ئوقۇسىڭزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ تېكستنى ئوقۇش يادلاشتىن كۆپ ئاسان. ئاساسەن بەش-ئالتە قېتىم ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىتىڭىز كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرس تۈگىدى. يەنە كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ. دەم ئېلىپ ئىككىنچى دەرسنى باشلاڭ. ئۇسۇل ئوخشاش. شۇ بويىچە 25_دەرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، توختىتىپ قويۇپ، بىرىنچى دەرسكە قايتىپ قايتىدىن ئوقۇڭ. ئوقۇش جەريانىدا ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەر ئېسىڭىزگە كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، شۇنى ھېس قىلىسىزكى، بۇ قېتىم سىزنىڭ بۇ دەرسنى تۈگىتىشىڭىزگە پەقەت 20 مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇ بويىچە بىر سائەتتە ئۈچ دەرسنى كۆرۈپ بولسىز. 25_دەرسكىچە تەكرار قىلىۋەتكەندىن كېيىن 26_دەرستىن يەنە باشلاڭ. 50_دەرسكە كەلگەندە قايتىڭ، 25_گە قايتىپ، 25_دىن 50_گىچە تەكرار قىلىڭ. بۇنىڭغا بىر دەرسكە يەنە ئاساسەن 20 مىنۇت كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ 50_دەرسكىچە ھەر بىر دەرسنى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزدىڭىز. خالىسڭىز يەنە بىر قېتىم بىرىنچى دەرسكە قايتىپ كېلىپ يەنە بىر تەكرار قىلىڭ ياكى كەينىنى باشلاڭ. بۇ قېتىم تەكرار قىلغاندا، بىر دەرسكە 10 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئومۇمىي ھېسابتا، سىز بىر دەرسكە سەرپ قىلغان ۋاقىتىڭىز بىر سائەت 40 مىنۇتتىن ئىككى سائەتكىچە بولدى. بۇ ۋاقىتتا سىز بىر دەرسنى ئۈچ قېتىم ئۆتكەزدىڭىز. كەم دېگەندە 10 قېتىم ئوقۇپ بولدىڭىز، بىر ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتە تۈگىتىۋېتىپ، ھەپتىدىن كېيىن «ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ قاقشىغاندىن كېيىنكى تەكرار قىلىش ۋاقىتىنى باشتىلا ھېسابلاپ كىرگۈزۈۋەتتىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتىن ئۇتتىڭىز. مۇشۇ بويىچە مېڭىۋېرىسىز. شۇنى ھېس قىلىسىزكى، سىز باشتا بىرىنچى دەرستە چۈشىنەلمەي قويۇپ قويغان نەرسىنى 25_دەرسنى %70 چۈشىنىۋەتكەندىن كېيىن، يېنىپ بېرىپ قارىسڭىز ئۇنى ئۆزلۈكىڭىزدىن چۈشىنىپ قالىسڭىز ۋە ياكى بەلكىم %10 يېرى قالىدۇ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىدىن سورايسىز ياكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن كېيىن كۆرۈۋالىسىز. ئەگەر «ئۆز ۋاقىتىدا شۇنى ھەل قىلىمەن» دەپ ئولتۇرۇۋالغان بولسىڭىز يەنە بىر مۇنچە ۋاقىتىڭىز كېتەتتى. ئۇنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالىتىڭىز. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز سىزنىڭ كۆرگەن ئوقۇغان نەرسىلىرىڭىز ئۇلاردىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولۇپ چىقىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا ئەڭ مۇھىم نەرسە سۆزلۈك. قانچە جىق ئۇچراشسىڭىز، تەكرار-تەكرار ئۇچراشسىڭىز شۇنچە ئېسىڭىزدە قالىدۇ. شۇڭا بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلماي، قانچە جىق ماتېرىيالنى خامراق بولسىمۇ كۆرەلىسە شۇنچە پىششىق بولىدۇ.

دېمەك بۇنىڭدا سۆزلۈكنى ھەرگىز ئايرىم يادلىمايسىز، تېكستنى چۈشىنىپ بولۇپ ئارقىمۇ ئارقا بەش-ئالتە قېتىم ئوقۇۋەتسىڭىز سۆزلۈك ئېسىڭىزدە بىللە قالىدۇ. ئۇنتۇپ قالاي دېگەندە يەنە بىر ئىككى قېتىم ئوقۇۋېتىسىز، ئېسىڭىزگە كېلىدۇ، يەنە بىر ئۇنتۇپ قالاي دېگەندە، يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئېسىڭىزدە قالىدۇ. سۆزنى ئايرىم يادلىغۇڭىز كەلسە، سۆز بىرىكمىسى قىلىۋېلىپ يادلاڭ. مەشىق ئىشلەشكە ئايرىم ۋاقىت سەرپ قىلماڭ. بەك جىق ۋاقىت كەتمىسۇن. بىر دەرسنىڭ مەشىقىنى ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقىتقا يەنە بىر دەرسنىڭ تېكستىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇ مېنىڭ بىر يېرىم يىللىق ئاچچىق ساۋىقىم. ھەرگىز مەشىق ئىشلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ. مەشىقنى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپ ماڭسىڭىزلا كۇپايە. ئۆزىڭىز ئۆگەنگەن ماتېرىياللارنىڭ مەشىقىنى ئىشلەيمەن، دەپ ئاۋارە بولماڭ. بەك ئىشلىگىڭىز كېلىپ كەتسە، جاۋابى بار كىتابنى تېپىپ شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىپ قويسڭىزلا كۇپايە.

ئەمدى بۇ ئۇسۇلنى مەكتەبتىكى ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش.

يۇقۇرىدا دېگەنلىرىم ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگەندە ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل. ئەمدى بۇنى، مەكتەبتىكى ئوقۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەبتە «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» ئۆتىدۇ. بۇنىڭ سۆزلۈكلىرى جىق. جىقراق ۋاقىت كېتىدۇ. سىز ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگەنگەندە، مەن دېگەن ئۇسۇل بويىچە ئۆگىنىسىز. بىر دەرسنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇپ چۈشەنگەندە، ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم كىتابىدا 10 دەرس بار. كۈندە بىر دەرس ئۆگەنسىڭىز 10 كۈن كېتىدۇ، 10 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزلا كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋالىسىز. دېمەك سىز 10 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇتقۇچى بىرىنچى دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇن 10_دەرسنى تۈگىتىپ بولۇڭ. تەتىلدە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى دەرس باشلىغاندا، سىز ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشنى باشلايسىز، بۇ قېتىمدا ھەر بىر دەرسكە 40 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى بەشىنچى دەرسنى تۈگەتكەندە سىز ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشنى تۈگىتىپ بولىسىز، بۇ قېتىمدا ھەر بىر دەرسكە يېرىم سائەت كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۆتىدىغان نەرسىنى سىز باشتا ئوبدان بىر قېتىم كۆرۈۋالسىڭىز، ئوقۇتقۇچى ئۆتسە ئۇلار بەكمۇ ئېزىپ چۈشەندۈرىدۇ، چۈشەنمىگەن، چۈشەنگەن يەرلەر بولۇپ شۇ پېتىلا ئېسىڭىزدە قالىدۇ. كېيىن ئىمتىھاندا بىر تەكرارلايسىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولىسىز. شۇ بويىچە ئىچكىرىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى يازلىق تەتىلدىكى 50 كۈندە، ئۆيدە ئۆگەنگەن ۋاقىتىمدا، كۈندە ئۈچ دەرستىن ئۆگىنىش بويىچە ئۆزلۈكسىز بولمىسىمۇ، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىپ، «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئىككىنچى قىسىمىنى تۈگەتكەن. مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچكىرىگە كېلىپ، بىرىنچى مەۋسۈمدا بىرىنچى، ئىككىنچى قىسىمنى تۈگەتكەن. قىشلىق تەتىلدە، كۈندە چۈشكىچە ئۇخلاپ، چۈشتىن كېيىن، كۈندە ئىككى دەرستىن ئۆگىنىپ، خۇش ياقمىسا ئۆگەنمەي دېگەندەك يۈرۈپ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئۈچىنچى قىسىمىنى تۈگەتتىم. «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» دىن بەش دەرس تۈگەتتىم، ئىككىنچى مەۋسۈمدا خام بولسىمۇ مەيلى، جىقراق كۆرەي دەپ، «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ تۆتىنچى قىسمىنى تۈگەتتىم، «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئۈچىنچى قسمىنى تۈگەتتىم، تۆتىنچى قسمىنى باشلاپ، يېرىم قىلدىم. ئالتىنچى ئاي بولدى، ئمتىھان دەپ ھەممە خەق سۆزلۈك يادلىغىلى تۇرۇپتىكەن، مەنمۇ مودا بولغان بىر سۆزلۈك كىتابنى ئېلىپ قارىسام جىق سۆزلىرىنى بىلىدىكەنمەن ياكى بەكلا تونۇش كۆرۈندى، ئاسانلا بىلىۋالدىم، ئېسىمدە تۇتالمىغانلرىم بىلەن كارىم بولمىدى. تەقلىدىي سوئال ئېلىپ ئاران بىر نۇسخا ئىشلىدىم، ئاڭلاش مەشىقى قىلىمەن، دەپ بەش قاپ لېنتا بار بىر كىتاب ئېلىپ بىر قاپ لېنتىنى ئاران ئاڭلىدىم. ئمتىھانغا كىرىپ ياخشى نومۇر ئاپتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىل ئۆگىنىشتە مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇردۇم، تاكى ئامېرىكىغا كەلگىچە... باش پىرىنسىپ پەقەت بىرلا، بىر نەرسە ئۈستىدە بىر قېتىمدا تولا ۋاقىت سەرپ قىلىۋالماي، جىق نەرسىلەرنى كۆرۈش، سىستېمىلىق تۈگەتكەن كىتاب بولسا، ئۇنى ئارقىمۇ-ئارقا تەكرار كۆرۈش. تىل ئۆگىنىشنى پايپاق سوزىغاندەك سوزىۋەتمەي، ئۆگەنگەندە بېسىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش.

ئاڭلاش ۋە سۆزلەش.

دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى ئۆگەندە قىزىقىپ ئۈنقويغۇ ئالدۇق. باشقىلار «ئاڭلاپ چۈشەنمىسەڭمۇ ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرساڭ چۈشىنىدىغان بولىسەن» دېسە رادىئو ياكى شۇ خىلدىكى لېنتىلارنى ئېلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇلاققا تىقىپ ئاڭلىدىم. لېكىن بۇ مېنىڭ ئۇيقۇ دورامغا ئايلىنپ قالدى. قاچان يوتقانغا كىرىپ ئاڭلاشنى باشلىدىم، بىر دەمدە ئۇخلاپ قالىمەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشەنمىگەن نەرسىنى ئاڭلاش خۇش ياقماي، تاشلىۋەتتىم. شۇ تاشلىۋەتكەنچە ئاڭلىمىدىم. سىنىپتا ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆزلەشكەندىن باشقا سۆزلىشىپ باقمىدىم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇغان ۋاقىتتا ۋاقىت بەك قىس ئىدى. بىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىنمۇ مۇھىم باشقا دەرسلىرىمىز بىزنى ئۇخلاتمايتتى. شۇڭا ئۇنداق جىق ھېسابلىشىپ ئولتۇرغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق ئىدى. ئاڭلاش سۆزلەشكە ۋاقىت ئاجرىتىپ باقمىدىم. كېيىن ئىچكىرىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنىلا دەرس بېسىۋالدى، يەنە ۋاقىت چىقمىدى. لېكىن تۆتىنچى ئايلار ئەتراپىدا، ئانچە مۇنچە لېنتا ئاڭلاپ باقسام خېلى چۈشىنىۋاتىمەن، رادىئو ئاڭلاپ باقسام چۈشىنىۋاتىمەن. بۇرۇن ئىنگلىز تىلىنىڭ ئاساسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرۇۋالغاچقا چۈشەنمەپتىكەنمەن. سۆزلەشمۇ ئوخشاش بولدى. دەسلەپتە ئامېرىكىچە تەلەپپۇز، ئەنگلىيىچە تەلەپپۇز، دەپ ئايرىپ يۈردۇق. ئەسلى تەلەپپۇز مەسىلىگە كەلسەك ئۇ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ، بەزىلەر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆزىدەك تەلەپپۇز قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. قالغانلار ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدا تەلەپپۇزىمىز چىقتى. لېكىن ياخشى سۆزلىيەلمەيتتۇق. كېيىن سەۋىيە ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى تۆتىنچى دەرىجىگە يېقىنلاشقاندا، ھەر ھالدا ئازىراق ئويلىغاننى تولۇق بىر جۈملە قىلىپ ئىپادىلەپ چىقىرالايدىغان بولدۇق. مېنىڭ ئاڭلاش ۋە سۆزلەشتىكى كۆز قارىشىم شۇكى، جۈملە يادلاپ سۆزلەشنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. ياخشى سۆزلەشنى بىلىش ئۈچۈن، چوقۇم تىلنىڭ ئۆزىنى ئاۋال بىلىش كېرەك. بىلگەندىلا ئاندىن سۆزلىگلى بولىدۇ. بىلمىسە نېمىنى سۆزلەيدۇ؟ تەلەپپۇز مەسىلىسىدە ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆزىدەك تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىنەلىسىڭىز ياخشى، ئۆگىنەلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، نېمە دېيىشنى بىلسىڭىزلا قانداق تەلەپپۇز قىلىشىڭىز بۇ ئىككىنچى مەسىلە. دۇنيادا ھەر خىل تەلەپپۇزدا گەپ قىلىدىغانلار نۇرغۇن. ھىندىستانچە، ئەرەبچە، قارا تەنلىكچە، ئەنگلىيىچە، ئامېرىكىچە، ئاۋسترالىيىچە، رۇسچە، خەنزۇچە قاتارلىق ھەر خىل ئىنگلىز تەلەپپۇزى بار. دېمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى شار-شار قىلىپ جايىدا ئىپادىلەپ چىقرىش ئەڭ مۇھىم. چەتئەللىكلەر چۈشىنىۋېرىدۇ. سىزمۇ چۈشىنىۋېرىسىز. بۇنى سىز ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىسىز. بىرەر نەرسىدە تالاش-تارتىش بولسا ئامېرىكىلىقتەك سۆزلمىسىمۇ، شارىلداپ دېمەكچى بولغاننى تولۇق ئىپادىلىگەن ئادەمنى ھەممەيلەن «ئىنگلىز تىلى ياخشى» دەيمىز، تەلەپپۇزى ياخشى لېكىن دۇدۇقلاپ، ئۇ سۆزنى، بۇ سۆزنى دەپ دېمەكچى بولغاننى سىزگە پەرەز قىلدۇرغاننى، «ئىنگلىز تىلى ناچار» دەيمىز. بۇ ئىش مېنىڭ سىنىپىمدا شۇنداق ئېنىق سېلىشتۇرما بولغان.

باشقىلار.

ھازىر ماتېرىيال ناھايتى كۆپ بولۇپ كەتتى، بازارغا چىقسا ماتېرىيالنىڭ جىقلىقىدىن ئادەم قايسى كىتابنى ئېلىپ، قايسى كىتابنى ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ. مېنىڭچە بىر تىلنى ئۆگەنگەندە شۇ تىلدىكى بىر يۈرۈش سىستېمىلىق كىتابنى تۈگىتىش كېرەك. شۇ بىر يۈرۈش كىتابنى سىستېمىلىق، پىششىق، ئۈستىدە دېگەندەك تەكرار تۈگەتسڭىزلا سەۋىيە بىر يەرگە بارىدۇ، ئاندىن باشقا نەرسىلەرنى سىستېمىلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ. شۈگوجاڭ ئىنگلىز تىلى (许国璋英语) نىڭ بىرىنچى قىسىمدىن ئازراق كۆرۈپ، ئاندىن «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» دىن ئازراق كۆرۈپ، ئاندىن يەنە بىر كىتابقا ئېسىلىپ قىلسا، مېنىڭچە ياخشى چىقمايدۇ. بىزگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكىنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈزگەن تۆت قىسىملىق كىتابى ئىدى. تۆتىنچى قىسىمىنىڭ بېشىدىكى بىر نەچچە دەرسكىچە ئۆتكەن. بۇ كىتابنىڭ تۆتىنچى قىسىمىنىڭ سەۋىيسى «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» نىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ سەۋىيسىگە ماس كېلىدۇ، شۇڭا ئاسانلا داۋاملىشىدۇ. كېيىن ئىچكىرىدە «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئۈچ قىسىمىنى ئۆتتى. تۆتىنچى قىسىمىنى ئۆزىمىز ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىۋالدۇق. ئاندىن مۇشۇ جەرياندا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» دىن تۆت قىسىمنى تۈگەتتىم. شۇنداق قىلىپ، سىسىتېمىلىق ھالەتتە مۇشۇ ئۈچ يۈرۈش كىتابنى تۈگىتىپتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا گېزىت كۆرۈش، Crazy English ۋە باشقا ئۇچرىغان ماتېرىياللاردىن قولغا چىققاننى ئۇ يەر-بۇ يېرىنى كۆرۈپ قىلدىم، لېكىن ئۇلارنى مەخسۇس سىستېمىلىق ئۆگنىىش ماتېرىيالى قىلىپ ئۆگەنمىدىم، ئۆز ۋاقىتىدا ئۇنداق قوشۇمچە نەرسىلەرمۇ ھەم ئاز ئىدى. ھازىر بۇنداق نەرسىلەر بازاردا نۇرغۇن، دەرسلىك قىلىپ ئۆتكىلى بولىدىغان ماتېرىياللارمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى. قىزىققانلار خالىغاننى كۆرسە بولىدۇ. لېكىن سىستېمىلىق ئۆگنىش بىلەن قىزىققاننى ۋاراقلاپ قويۇشنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار. سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەن ئادەتتە شۇنداق ياخشى پىلان قىلىمەن، مەسىلەن، «كۈندە ئىككى دەرستىن ئۆگەنسەم، بۇ كىتاب مانچە كۈندە تۈگەيدۇ» دېگەندەك . لېكىن تا ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ پىلاندىكىدەك قىلىپ باقمىدىم. ھەر قېتىم «بىر ئىشنى قىلاي» دەپ پىلان قىلسام كۆپ بولسا ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرىمەن، بىر ئىشلا بىلەن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، يەنە بەش-ئالتە كۈن قىلىمەن، ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، يەنە بىر ئىرادىگە كېلىپ بەش-ئالتە كۈن ئۆگىنىمەن، «ئۈزۈلدۈرمەي، كۈندە مانچە سائەت ئۆگىنەي، بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدىن مانچىلىك ئۆگىنەي» دەپ مىڭ قېتىم پىلان قىلىپ 999 قېتىم قىلىپ بولالمىدىم. ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشمايدىكەن، بەزىلەر قىلالايدىكەن، ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسام ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىتتىلا ئامېرىكىغا كېلىپ بۇ چاغقىچە ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، دەپ ئولتۇراتتىم. ھازىرقى مەكتىبىمدىنمۇ ياخشى مەكتەب، ياخشى فاكۇلتىتلارغا بارغان بولاتتىم. لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى تەجرىبىسىنى مەرىپەت تورىدىن كۆردۇق، دىلشات ھېۋىزۇللامۇ يېزىپتىكەن، ئۇنىمۇ كۆردۈم، يەنە باشقىلارنىڭكىمۇ كۆرگەن بولدۇق. ئۇلار ھەممىسنىڭ ئاساسەن دېگىدەك، كۈندە مانچىلىك ئىش قىلىش، بىر يەرگە يېزىۋېلىپ ئاپتوبۇس ساقلىغاندا، يەنە بىرنېمە ئىش قىلغاندا ئۆگىنىش، ئەتىگەندە مانچىلىك يادلاش، كۈندە مانچىلىك ئوقۇش، دېگەندەك ئۇسۇللىرى بار، بىر بىرىدىن ياخشى ئۇسۇللار. لېكىن شۇنى مەن قىلالمايدىكەنمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ «مېنى يەتتە مىنۇتتىن كېيىن ئويغىتىپ قويۇڭلار» دېگەن گېپىنى ھەر قېتىم ئېسىمگە ئالسام، بىر قېتىم ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق ۋاقىتنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرالىغاچقا ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كەپتىكەن. ماڭا قارىسام تاماق ۋاقىتىدا كىتاب كۆرمىسەممۇ باشقا چاغدا كۆرىدىغان ۋاقىتىم بار. كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن «بۈگۈن ئۆگەنگەننى بىر يادلىۋېتەي» دەپ بىرىنچى سۆزنى باشلاپ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە ئۇخلاپ قالىمەن. ئەتىگەندە سائەت يەتتىدە قوپىدىغان ئىشقا ئمتىھان، دەرس دېگەندەك ئىشلار مەجبۇر قىلمىسا ھەرگىز قوپمايمەن، ھەتتا بەزىدە قەتئىي قوپالمايمەن. شۇڭىمۇ ئەتىگەندە يەتتىدە مەكتەبكە كېلىپ بولىدىغان، كەچ سائەت 11 دە ئۇخلاپ بولىدىغانلارغا ھەۋەس قىلىمەن. مەن ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىم ئەتراپىدا قوپىمەن. كەچ سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئۇخلايمەن. نەچچە قېتىم خېلى ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھېسابلاپ باقتىم. ئەمىلىي ئىش ئۈنۈمىنى ھېسابلىغاندا، ئەتىگەندە تۇرۇپ ئشلەيدىغان ئادەمنىڭ ئىش ئۈنۈمى ماڭا ئوخشاشلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا «ئۆزگەرتەي» دەپ كۆپ تىرىشىپ باقتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ-تۆت كۈنگە ئاران چىدىدىم. ئادەتلىنىدىغانغا ئۆزگەرتەلمىدىم. شۇڭا كېيىنچە تەقدىرگە تەن بېرىپ، ھەممە پىلاننى ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئادىتى بويىچە تۈزۈدىغان بولدۇم. ئىشقىلىپ، باشقىلار مۇكەممەل قىلالىغاندەك قىلالمىسامممۇ، باشقىلار بىر يىلدا قىلغان ئىشنى مەن ئىككى يىلدا قىلساممۇ ئىشقىلىپ قىلىپ كىلىۋاتىمەن. دېمەكچى، يۇقىرىدا مەن دېگەن ئۇسۇلنى كۆرۈپ، «كۈندە بىر دەرستىن 10 كۈندە 10 دەرس، بىر كىتاب تۈگىتىمەن» دېگەن بىلەن، ئەمىلىيەتتە قىلغىلى بولمايدۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ ئۆز ۋاقىتىدا قىلغان، بەلكىم 10 كۈندە تۈگەتكەندىمەن ياكى 20 كۈندە. لېكىن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تۈگەتتىم. ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغىنى ئېنىق. بىر باشلىغانچە، بىر كىتابنى تۈگىتىپ توختاپ باققىنىم ئېسىمدە يوق. ئارىلىقتا نەچچە قېتىم ئۈزۈلۈپ، «ئەتىگەندە ئۆگىنىمەن» دەپ خىيال قىلىپ كەچتە ئۆگىنىپ، خۇش تۇتسا «بىر دەرس ئۆگىنىمەن» دەپ چىققان يەرگە ئىككى دەرس ئۆگىنىپ دېگەندەك قىلىپ ئىشقىلىپ تۈگەتتىم. باشقىلارمۇ مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللانسۇن ئۇلارمۇ تۈگەتكەن. مەن پەلەمپەيگە چىققاندەك ئۆگىنەتتىم. مەسىلەن، بىر چاغلاردا بىر بىكار ۋاقىتلىرىم چىقىدۇ ياكى ئۆزۈمنىڭ ئۆگەنگۈسى كېلىپ قالىدۇ، بىر بېسىپ ئۆگەنگەنچە 5-10 كۈن ئۆگىنىپ ھېرىپ قالىمەن ياكى باشقا بىر ئىشلا بولىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، 5-10 كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر ئۆگىنىمەن. ئمتىھان يېقىنلىشىدۇ، تاشلاپ قويىمەن، تەتىل كېلىدۇ، بىر ئۆگىنىمەن، ئاندىن ئويۇن بېسىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ كۈندە زېرىكىمەن، يەنە ئۆگىنىمەن...

ئويلاپ باقسام، تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىمۇ پەلەمپەيسىمان بولىدىكەن، سىزىقسىمان بولمايدىكەن. ھەممىدىن باشتىكى ئاساسنى ياخشى سېلىش مۇھىم. باشتا مەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. دەسلەپتە باشلىغاندا ياخشى ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئاساسىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگەنگەن ياخشى. «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» ئۆگىنىۋاتقان بولسا، ئىككىنچى قىسىمدىن 30 دەرس تۈگەتكىچە، «فۇدەن ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» ياكى «شۈگوجاڭ ئىنگلىز تىلى» بولسا، بىر يېرىم كىتاب تۈگەتكىچە، ئەنۋەر رەجەپ تۈزگەن كىتاب بولسا، ئوخشاشلا بىر يېرىم قىسىم كىتاب تۈگەتكىچە ياخشى ئوقۇتقۇچى تېپىپ ئوقۇپ ئاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنىگە ئوقۇي، دەپ كورسقا پۇل خەجلەپ يۈرۈش ھاجەت ئەمەس. ياكى كورسقا قاتناشقان ۋاقىتڭىزدا، سىز ئاللىقاچان ئۆتمەكچى بولغان نەرسىنى مەن دېگەن ئۇسۇل بىلەن كەم دېگەندە بىرىنچى قېتىمىنى ئۆتكۈزۇپ بولۇڭ. ئاندىن كورسنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز. ئادەتتە شۇ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى تۈگىتىپ، ئىككىنچى قىسمىنى باشلىغاندىن كېيىن ياكى شۇ ئەتراپتىكى سەۋىيىگە بارغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ كاللىسى قېيىشىقا باشلايدىكەن، شۇنداق تەس تۇيۇلىدىكەن، ھەممە نېمىگە قارىسا، بىلمەيدىغان كۆرۈنۈپ ئادەمنىڭ قىزغىنلىقى بەك سوۋۇپ كېتىدىكەن. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەۋەتقان ۋاقىتىمدا، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا بولدى قىلغىنىنى كۆرگەن. مۇشۇ قېتىمدىن چوقۇم بىر نېمە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىش بولامدۇ، ئوقۇتقۇچى ئالماشتۇرۇپ بېقىش بولامدۇ، كۆپرەك بىللە ئۆگىنىۋاتقانلار پاراڭ قىلىش بولامدۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بولامدۇ، ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭدىن ئۆتۈش كېرەك. بۇ بىرىنچى پەلەمپەي. مۇشۇ پەلەمپەيدىن ئاتلىسىڭىزلا كېيىنكى يول ئاسانراق. بۇ پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئادەم بۇ پەلەمپەيدىن بۇرۇنقى نەرسىلەرنى نەچچە يىلغىچە ھەم ئۇنتۇپ كەتمەيدىكەن. ئەگەر سىز بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» نىڭ ئىككىنچى قىسىمىنى تۈگىتەلىسىڭىز ياكى «ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى» نىڭ بىرىنچى قىسىمنى باشلىيالايدىغان سەۋىيىگە بارغان بولسىڭىز، بىرىنچى پەلەمپەيدىن چېكىنىپ كەتمەي ئۆتۈپسىز. ئىككىنچى پەلەمپەي ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجىگە يېقىنلاشقاندا كېلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، ئادەم ئىنگلىز تىلىدىن خېلى بىر نەرسە چۈشەنگىدەك بولۇپ قالغان، ئېغىزى ئېچىلىپ قالغان، بىر قارىسا بىلىدىغاندەك ھېس قىلغان، تەسرەك بىر نېمە كۆرسە ھېچنىمىنى بىلمەيدىقاندەك ھېس قىلغان. ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھان بەرسە 45 بىلەن 59 نىڭ ئارىلىقىدا نومۇر ئېلىپ، ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۆلتۈرگەن. تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىنى تۆت قېتىم بېرىپ، 55-59 ئالغان ئادەمنى خېلى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن بۇ پەلەمپەيدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز. بۇنداقلار ھەر ھالدا خېلى بىر نېمە بىلىدۇ. ئاساسى ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. ئەگەر بۇ ئمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەب ئىنگلىز تىلى ئالتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتۈۋەتسە، بۇ پەلەمپەيدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ئاساسىي پەلەمپەي مۇشۇ ئىككىسىكەن. ئادەم ھەر بىر پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ بولسا، ئالدىدىكى نەرسىنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. كېيىنكى TOEFL, GRE يەنە بىر پەلەمپەي بولىدىكەن، تىل قوللىنىدىغان دۆلەتنىڭ يېرىگە كەلگەندىن يەنە بىر پەلەمپەي بولىدىكەن. لېكىن بۇلار كېيىنكى ئىشلار بولغاچقا ئالدىدىكدەك مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. تۆتىنچى دەرىجە ئىمتىھانىدىن 70 نومۇر ئېلىپ ئۆتەلىگەن ئادەم بولسا ئۇندىن كېيىنكى تىل مەسىلىسى ئاساسەن سۆزلۈك، سۆز بىرىكمىسىىى ۋە بەزىبىر كىچىك ئىنچىكە ئىشلار بولۇپ قالىدىكەن، خالاس. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، سىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىققا باشقىلارمۇ ئۇچرىغان. باشقىلار ئۇ پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، سىزمۇ ئۆتەلەيسىز، ئۆزىڭىز نىشان قىلغان شۇ تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى بىر پەلەمپەيدىن ئۆتەلمىسڭىز باشقا ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان پەلەمپەيدىن قانداق ئۆتىسىز؟ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، تىلنىڭ ھەممىنى ئۆگىنىپ تىلشۇناس بولۇش شەرت ئەمەس. ھېچ بولمىسا بىرىنچى پەلەمپەيدىن ئۆتۈڭ. ئاساسىي ھاجىتىڭىزدىن چىقالايسىز، لازىم بولغاندا لۇغەت ئاختۇرۇپ بولسىمۇ بەزى گەپلەرنى ئۇقالايسىز، تېلىۋىزوردىكى، گېزىت مەتبۇئاتتىكى بەزى ئىنگلىزچە ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلەيسىز. ئىنتېرنېتتىكى ئىنگلىزچە بەتلەرگە كىرىپ ئىشلىتەلەيسىز. چەتئەللىكلەر كەلسە پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. ئىككىنچى پەلەمپەيدىن ئۆتۈڭ، ئادەتتىكى نورمال بىر نېمە يېزىپ ئۆزىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز، ماقالە، گېزىتلەرنىڭ، ئىنتېرنېتتىكى ماقالىلەرنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيسىز. پىكىر قاتناشتۇرالايسىز، بۇنىڭدا ئاساسەن ھەممە ئىشنى ھاجىتڭىزدىن چىققۇدەك قىلالايسىز. كېيىنكى پەلەمپەيگە خۇش ياقسا چىقىسىىز، خۇش ياقمىسا چىقمايسىز.
تىل ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. كېيىنكى تېمىدا ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا پاراڭلارنى قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن تەتىللىك پىلان تۈگەيدۇ.

تەھرىر:
قىسمەن ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى، بەزى سۆزلەر تەھرىرلەندى، مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشلەر قوشۇلدى.

Jeck بلوگىدىن ئېلىندى، ئەسلى نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
http://www.uighur.cn/blog/more.asp?name=Jeck&id=2756
 

没有评论: