[ئەركىن سىدىق] تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى 2

2

3. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

مەن 2006- ۋە 2007-يىلى يازدا يۇرتقا ئىككى قېتىم بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلخەت ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن سۆزلەشتىم. مۇشۇ جەرياندا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىشنىڭ قىيىنلىقى ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، زور بىر قىسىم ياشلار ئوقۇشقا قىزىقماي ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشماي، ئۆز ۋاقتىنى روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا قۇتبىلىك ئۇكىمىز «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسىم ۋە كومپيۇتېر» (
http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15509&extra=page%3D1 ) دېگەن يازمىسىدا « مەن كەلگۈسىنى قانداق بەلگىلەيمەن، مەن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، مەن ھازىر كىم، بۇرۇن كىم ئىدىم، كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم، بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن، كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،...، يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، كىملەرگە ئۆگىتىمەن (...)، قانداق ئۆگىنىمەن، قانداق ئۆگىتىمەن، ئانام ئۆگەتكەن دادام ئۆگەتكەن ئاشۇ ئېسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلايمەن، قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈز كېلەلەيدىغان بولىمەن؟» دېگەن ئەھمىيەتلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سوئاللارنى سوراپتۇ. مەن بۇ سوئاللارنى كۆرۈپ، ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن «مەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەرمەن؟» دەپ سوراپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، يەنى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىزنىڭ ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان، «يېڭى يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇڭ» (ئىنگلىزچە «Thriving in the New Year») دېگەن تېمىدىكى بىر سائەتلىك لېكسىيىگە قاتناشتىم. بۇ لېكسىيە كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار توغرىسىدا بولۇپ، بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە روھىي چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاشۇنداق كېلىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان روھىي زەخمىدىن ئوڭۇشلۇق ساقلىنىپ، روھىي ھالىتىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشاپ، ئۆز ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ ماڭالايدىكەن. بۇ ئىقتىدار ئىنگلىز تىلىدا «Resilience» ۋە «Resiliency» دەپ ئاتىلىدىكەن. كوپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بىر كونا مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بۇ ئىلىمنىڭ غەرب ئەللىرىدە بىر رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەنگىنىگە تېخى ئاران 25 يىل بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بۇ پەن توغرىسىدا يېزىلغان بىر قانچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر بار ئىكەن. مەن بۇ پەننى بىر دەرس سۈپىتىدە رەسمىي ئوقۇمىدىم. بۇ پەن توغرىسىدىكى كىتابلاردىن بىرەرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىدىم. پەقەت قۇتبىلىك ئۇكىمىزدەك ھازىر جىددىي ئېھتىياجى بار ياشلىرىمىزغا بىر ئاز پايدىسى تېگىدىغان، باشقا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر دەسلەپكى تونۇشتۇرۇش بولۇپ قالىدىغان بىر نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتىن بىر قىسىم ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇدۇم. مېنىڭ بۇ يەردە يازىدىغىنىم مۇشۇ پەننىڭ خۇلاسە خاراكتېردىكى ئومۇمىي ئۇقۇمى بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشى بويىچە تەرجىمە قىلىپ ۋە رەتلەپ چىقتىم. مەن ئىنگلىز تىلىدىكى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە يازغاندا، بىر قىسىم ئىنگلىزچە سۆزلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى تېپىشتا بەزىدە ناھايىتى قىينىلىمەن. مەسىلەن، «Resiliency» دېگەن پەندە دۇنياغا ئەڭ تونۇلغان ئامېرىكىلىق دوكتۇر ۋە پروفېسسور Al Siebert ئەپەندىنىڭ ئىنگلىزچە «The Survivor Personality» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ كىتاب ھازىر جەمئىي 15 قېتىم بېسىلىپتۇ. مەن ئىنتېرنېتتا كۆرگەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىتاب خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ (ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى جۇڭگو، تەيۋەن ياكى شياڭگاڭنىڭ بىرسىدىن چوقۇم تاپقىلى بولىدۇ). ئىنگلىزچىدا «survivor» دېگەن سۆز ھەر خىل مەنىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، بىرەر ئۇرۇشتا ئۆلمەي ساق قالغان كىشى «survivor» بولىدۇ. بىرەر تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلمەي ساق قالغان كىشىمۇ بىر «survivor» بولىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتمەي، ئىنتايىن كەمچىل خىزمەت پۇرسەتلىرى ئىچىدىن بىر پۇرسەت تېپىپ، غايەت زور قىيىنچىلىق ئىچىدىن بىر خىزمەت تېپىپ، نورمال ياشاپ كېتىۋاتقان بىر ئادەممۇ بىر «survivor» بولىدۇ. يۇقىرىقى كىتاب مانا مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان «survivor» لەر توغرىسىدا بولۇپ، باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەن يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئىسمىنى «يەڭگۈچىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى» دەپ تەرجىمە قىلسا بولامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەييارلىغان يازمىلىرىمدا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنىمۇ ماقالەمگە كىرگۈزۈپ قويدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمەن.

ئەمدى گەپنى بۇ يېڭى پەنگە قايتۇرۇپ كېلەي. ئىنگلىزچە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى:
«بۈگۈنكى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۇنياغا ئەڭ ماسلىشالايدىغان كىشىلەر "resile" قىلالايدىغان كىشىلەردۇر».
تەلەيسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى.
بىر نەرسە ئېگىلگەن، قىسىلغان ياكى سوزۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىگە تېز قايتىپ كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى.
بىر ئىنسان بۇزۇش خاراكتېرىدىكى بىر ئۆزگىرىشكە ياكى تەلەيسىزلىككە يولۇققاندا، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويماي، ياكى ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھالەتتە ئىش ئېلىپ بارماي، نورمال روھىي ھالىتىگە تېز قايتىپ كېلىش ئىقتىدارى.
يۇلغۇن تور بېتىدىكى ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت (
http://dict. yulghun. com/ ) تە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق بېرىلگەن: «ئېلاستىكلىق، تەۋرەنمەسلىك، سوزۇلۇشچانلىق».

يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىش كېرەك؟ بۇ سوئالغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىلشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلار جاۋاب بەرسۇن. مەن بۇ ماقالىنى يېزىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمە دەپ ماۋزۇ قويۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. «روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، ۋە «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن كاندىداتلارنى تىزىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى تېمىنى تاللىدىم. دېمەكچىمەنكى، مەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاساسلىق نەرسە «روھىي زەخمىدىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى»، «ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش ئىقتىدارى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ بويىچە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىز مەلۇم بىر تەلەيسىزلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانچىلىك روھىي چۈشكۈنلۈك، روھىي ئازاب ۋە روھىي زەخمىگە ئۇچرايسىز؟ بۇ سىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىڭىزغا، بىر ۋەقەگە بولغان ئۆز روھىي ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا قانچىلىك كونترول قىلالىشىڭىزغا باغلىق. سىز مەلۇم بىر ئېغىر بېسىمغا ۋە بۇزۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە يولۇققاندا، سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز بىلەن ئادىتىڭىز سىز ئۈچۈن يا بىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، يا بىر ياخشىراق ئىستىقبالغا ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈكنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا سىز تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىزدە تۆۋەندە تەسۋىرلىنىدىغان ئىقتىدارلارنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن يولۇقىدىغان يېڭى ئەھۋاللارنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايسىز. يەنى، «resiliency» سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ روھىي سالامەتلىكى بىلەن خۇشاللىقىنى ساقلىغان ھالدا ھەر قانداق ئەھۋالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە سىزگە نۇرغۇن، باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر.
2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
«resiliency» ئىقتىدارىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەت 3-ئۇسۇلدىنلا پايدىلىنىش كېرەك. يەنى، ئۇ ئىقتىدارلارنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆگەتكىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى بىر دەرسنى ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەرسنى قانچىلىك سەۋىيىدە ئۆگەنگەنلىكىنى باھالايدۇ. «resiliency» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بىر مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپ ئەھلى دەرىجىسىدىكى ئۆگىنىش بولۇپ، بۇ ئۆگىنىشنىڭ تەرتىپى يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن «تۇرمۇش» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپ سىزدىن بىر ئىمتىھان ئالىدۇ، ئاندىن سىز يېڭى بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىسىز.

تۆۋەندە يېزىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنى «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» دەپ ئالىمەن.


4. «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» نى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى

يۇقىرى دەرىجىلىك «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» گە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ئۈستىدە نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل قابىلىيەتنىڭ كىشىلەردە قانداق يېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. سىز ئۆزىڭىزدە ئاشۇنداق قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدىكى تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى كۈچەيتىڭ:

1) شوخ ۋە خۇشال-خۇرام، كىچىك بالىلاردەك ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان بولۇش. كۆپلەپ سوئال سوراش. ھەر ۋاقىت «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش. يېڭى تەرەققىياتلار بىلەن ئۇچرىشىش. كىچىك بالىلاردەك ئۆز-ئۆزىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلىش. ھەر قانداق يەردە ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش. ھەر خىل ئىشلارغا قىزىقىش، تەجرىبە قىلىش، خاتالىق ئۆتكۈزۈش، يارىدارلىنىش، ۋە كۈلۈش. «بۇ قېتىم قايسى تەرەپلىرى ئوخشىمايدۇ؟ بۇنى قىلسام نېمە بولىدۇ؟ سوئالىمغا كىم جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ نېمىسى قىزىقارلىق؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

2) ئۆز سەرگۈزەشتلىرىدىن يېڭى بىلىم ئىگىلەپ تۇرۇش. يېڭى ياكى تاسادىپى كەچۈرمىشلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەزىم قىلىش، ھەمدە شۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىش. «بۇ ئىشتىكى تەجرىبە-ساۋاق نېمە؟ مەن دەسلەپكى ئىشارەتلەردىن قايسىلىرىنى نەزەرگە ئالمىدىم؟ ئەگەر بۇ ئىش يەنە يۈز بېرىپ قالسا، مەن چوقۇم نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

3) يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىش. روھىي جەھەتتە ماسلىشىشچان بولۇش. بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىجەز-خۇلق بىلەنمۇ چىقىشالايدىغان بولۇش. كۈچلۈك ھەم مويسىپىت، نازۇك ھەم چىداملىق، لوگىكىلىق ھەم ھېسسىي تۇيغۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان («intuitive»)، ئېغىر بېسىق ھەم ھېسسىياتچان، كەسكىن ھەم خۇشال-خۇرام بولۇش. بۇنداق ئىقتىدارلارغا قانچە باي بولسا شۇنچە ياخشى. بىر ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپىنى ئويلاپ تۇرۇپ ئىجابىي نەتىجە چىقىرالايدىغان بولۇش. «بۇ ئىشنى قىلسام قانداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئۇنداقتا مەن نېمىلەردىن ساقلىنىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ تۇرۇش.

4) ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى («self-esteem») نى ساقلاش ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىززەت-ھۆرمەت ياكى غۇرۇر دېگەن ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتتىن ئىبارەت. بىرەر ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرگەندە سىز ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەرسە ئۆگىنىدىغانلىقىڭىزنى ئاشۇ غۇرۇر بەلگىلەيدۇ. غۇرۇر سىزنىڭ ماختاش ۋە مەدھىيىنى توغرا قوبۇل قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ سىزنى يامان سۆز-باھالارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالىدۇ، شۇنداقلا سىزنى پايدىلىق تەنقىدنى توغرا قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سىزگە «مەن ئۆز-ئۆزۈمنى ياخشى كورىمەن، ئۆز-ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى سۆيىمەن» دېگەن تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

5) ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمىتىڭىزدۇر. ئۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ تەستىقى ياكى كاپالىتىگە ساقلاپ تۇرمايلا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا («take risks») ئۈندەيدۇ. سىزدە بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، «يېڭى ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن» دەپ ئويلىيالايسىز. «مېنىڭ ئىشەنچلىك ئارتۇقچىلىقلىرىم ... »

6) باشقىلار بىلەن ياخشى دوستلۇق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر خىل زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ناھايىتى كۆيۈمچان ئائىلىسى بولسا ۋە بىرگە ئىشلەيدىغانلار بىلەن بولغان دوستلۇقى ياخشى بولسا، ئۇلار روھىي بېسىمغا ياخشىراق بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ھەمدە ئازراق كېسەل بولىدىكەن. يالغۇزچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر روھىي بېسىمغا ئاسانلىقچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كوپ پاراڭلىشىش قىيىنچىلىقنىڭ روھىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆز قىممىتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلار بىلەن كوپ ئارىلىشىدىغان، مېھماندوست، ناخشا-ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا نۇرغۇن مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

没有评论: