[ئەركىن سىدىق] تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى1

[ئەركىن سىدىق] تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى



 

ئەركىن سىدىق

2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

1988-يىلى، مىڭچېبى (موڭغۇل) ئەپەندى بىلەن لولۇلۇ خانىم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماۋزۇدىكى ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى. ئۇلار بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتى ئۈستىدە «قېيىداش روھىي» دېگەن، ئۇيغۇر پسىخىكىسى ئۈستىدە بولسا «يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا مانا ھازىر 20 يىل بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتى بىلەن پسىخىكىسى قانداق؟ ئۇلارنى نېمە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟ مەن يېقىنقى يىللاردا بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىدىن بىرەرىنى ئۇچراتمىدىم. ئۆزۈم بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم قىممەتكە ئىگە بىر نەرسە يېزىپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، پەقەت چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، مۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىم: پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى «ئەنسىرەش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇيغۇر ياشلىرى قاتلىمىدىكى زور بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى بولسا «چۈشكۈنلىشىش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. بۇ يەردىكى «ئەنسىرەش روھىي» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى، ئەخلاقى، روھىي ۋە جىسمانىي سالامەتلىكى قاتارلىقلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زور دەرىجىدىكى تەھدىتتىن، ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش بوشلۇقى ۋە مىللىي كىملىكى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپتىن كېلىپ چىققان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى «چۈشكۈنلىشىش روھىي» بولسا خىزمەت پۇرسىتى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە كىشىلىك ۋىجدانى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان.


1. ئەنسىرەش روھىي

مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەنسىرەش روھىي ھالىتىنى تەپسىلىي تەھلىل ۋە بايان قىلىش كەم دېگەندە بىر مەخسۇس يېزىلغان ئۇزۇن ماقالىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەسىلە مېنىڭ ئۇشبۇ يازمامدا توختالماقچى بولغان ئاساسىي مەزمۇن ئەمەس. شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى يازمىلار ۋە ماڭا كەلگەن ئېلخەتلەردە بەزىلەر «مەن بۇرۇن كىم ئىدىم؟ كەلگۈسىدە كىم بولىمەن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەن نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»، دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ھازىرقىدەك تەھدىتكە ئۇچرىشىدا، بۇ يەردە تىلغا ئالغىلى بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مۇنداق 3 تۈرلۈك سەۋەب بار. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئاجىزلىق. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسەت تۈزۈشكە ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ قانۇن كۆز - قارىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى. ئۈچىنچىسى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىچە «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ: http://www. meripet. com/Academy/MAbduxukur. htm . تۆۋەندە يۇقىرىقى 3 مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

1. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى باشقۇرماقچى بولغان خەلقنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. شۇڭا بىرەر يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش، ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى بۇرۇن ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ئاشۇ خىزمەتنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالىغۇدەك سۈپەتكە ئىگە بولۇشى، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىنى سايلايدىغان خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىسە، كېيىنكى سايلامدىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. كۆزلىگەن خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالىدۇ. خەلقنىڭ تەلىپىنى ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ھەممە ئىشتا خەلقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى سىياسەت ئەمەلىيەتتە «سايلام سىياسىتى» (ئىنگلىزچە «election politics») بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلىرى سايلام ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولىدۇ. جۇڭگودا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، كۆپىنچە ئەھۋالدا، كىشىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرى تەرىپىدىن يېڭى خىزمەتكە تەيىنلىنىدۇ ياكى يېڭى، بۇرۇنقىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خىزمەت ئورنىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇرۇنقى خىزمىتىدىن ياخشىراق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى خەلققە مەسئۇل بولۇشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىدىن بىر ياكى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى ئەمەل ئەھلىلىرىگە مەسئۇل بولسا، شۇلارغا ياخشى كۆرۈنسىلا كۇپايە. مانا بۇ ھازىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى قوشۇنىدا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان، ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا، دەرد - پەريادىغا، ئەندىشىسىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇلاق سالماسلىق ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى ھازىر گىرىپتار بولغان «ئەنسىرەش روھىي» ھالىتىدىن بۇ ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئانچە خەۋىرى يوق. خەۋىرى بولغاندىمۇ بۇ ئەھۋال بىلەن ئانچە كارى يوق. سىياسىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ئاشۇ تۈزۈمنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يەردە بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

2. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتتىكى مىللىي كىملىكىنى قوغدايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىشى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك. جۇڭگودا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئېلان قىلىپ كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىكلىرىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەت بەلگۈلىمىلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، ھازىر دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس. مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانۇننى خالىغانچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويسىمۇ، خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدىغان بىر خىل سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە قانۇندا چىڭ تۇرغانلار، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ھېچ قانداق ھىمايىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يالغۇز قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەمەل ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن، ياخشىچاقلىق، خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىكنى ئوبدان قاملاشتۇرىدىغان بەزى كىشىلەر يېڭىدىن ئەمەلگە ئولتۇرۇۋاتىدۇ ياكى خىزمەتتە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ساداسىغا قىلچە قۇلاق سالمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىگە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى «قانداق قىلسام يەنە بىر بالداق ئۆسەلەيمەن» دېگەنگە ئاتا قىلىۋەتكەن، «شەپكىسىنى ئەكەل» دېسە بېشىنى كېسىپ كېلىدىغان، قانۇن-تۈزۈم بىلەن ئىلمىي يوسۇندا ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا خوشەمەتچىلىك بىلەن نادانلىقنى دەسسەتكەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال شەكىللەنگىلى تۇرۇپتۇ. دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي يازغان «"مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين"گىچە» دېگەن ماقالە (بىلىك: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=5359 , مەرىپەت: http://www. meripet. com/Söhbet1/Erkinb2. htm ) ۋە بۇ ماقالە دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق تەقدىر بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. مەن بۇ ماقالىنى دەسلەپتە ئوقۇغاندا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ كەتتىم. لېكىن، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھال-ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالدىم. قاتتىق ئېچىندىم. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن. لېكىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىسا، خۇددى ئۆلمەي تۇرۇپ تەييار گۆرگە كىرىۋالغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. «بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالمايدۇ». شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى خەتەرلىك يولدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم كۆپ ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرى شەرتسىز ھالدا خۇشامەتچىلىك بىلەن بەند بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرىلا قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قانۇن بىلەن ئىش كۆرمەكچى بولغانلار يالغۇز قالدۇرۇلىدىغان يۈزلىنىشنى 180 گرادۇس بۇراپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ۋە ئىش كۆرگەنلەر ھىمايە قىلىنىدىغان ۋە مۇكاپاتلىنىدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار، تەخسىكەشلىك يولى بىلەن يۇقىرىغا ياماشماقچى بولغانلار ئەيىبلىنىدىغان ۋە زەربە بېرىلىدىغان بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

3. ياپونلۇق، گېرمانىيىلىك ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھازىر نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ 3 مىللەت بىلەن داۋاملىق سېلىشتۇرىمەن. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشكە داۋاملىق تىرىشىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بىر قانچە ئەسىردىن بۇرۇن مەدەنىي گۈللىنىش ۋە مەدەنىي تەرەققىيات جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ئانچە قېلىشمايتتى. ياپونغا ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ياپونلۇقلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ۋە ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن كېيىن تۇرمايدىغانلىقىنى، ھەتتا باشقا خېلى كۆپ مىللەتلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى، مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكى (ياكى بىر-بىرىنى يۆلەش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى مىللەت ئېڭى)، ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلىش جەھەتتە ھازىر ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى 3 مىللەتتىن جىق ئاجىز ۋە جىق ئارقىدا. يۇقىرىقى مىللەتلەر بىر ياكى بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھازىرقىدەك بىر «سىياسىي مىللەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلىدى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ مەن تورداشلارنى «سالام دۇنيا» دېگەن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز يازغان «ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇنىڭ بىلىكتىكى تور بەت ئادرېسى: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15389&extra=page%3D1 . مەن بۇ يازمىدىكى ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقىدەك پەرقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بايانلارنى خېلىلا ياقتۇردۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى ۋە ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باشقىلار ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ساپاسى تۆۋەن بىرسى باشقىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىمەن، دېسىمۇ بۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادلارنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بولدى. بۇنداق ئىسراپچىلىق بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىۋەرمىسە بولاتتى.

يۇقىرىقىلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك يۈزلىنىشنى توسۇشقا ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا «ئەنسىرەش روھىي» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى.


2. چۈشكۈنلۈك روھىي

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان 1-دەرىجىلىك ئېغىر مەسىلە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ھەمدە جەمئىيەتتە خىزمەت كۈتۈپ ياشاۋاتقان ياشلار ئىش پۇرسىتىنىڭ كەملىكى ۋە خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چۈشكۈن ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۆز ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، تىرىشىشتىن ۋاز كەچكەنلەرمۇ بار. بۇ ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولسا بالىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ غېمى بىلەن ئىنتايىن ئېغىر روھىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. مەن ئاڭلىسام دەرد ۋە ئازاب ئىچىگە تۇغۇلىدىغان بالىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىلگەن، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنت كۆرسە بولىدىغان نورمىنىمۇ تولدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنداقلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن. ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن. لېكىن ئۇلار تاللىغان بۇنداق يولنى ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. ئەگەر ھەممە ئۇيغۇرلار سىزدەك قىلغىلى تۇرسا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟

يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.
 
داۋامى بار

没有评论: