دىن خۇش خەۋەر!Google
بۈگۈن Gmail نى ئېچىپ، ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈپ كېلىۋاتقان Google Team نىڭ ئىنكاس خېتىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. مەن بىر ئاينىڭ ئالدىدا Google ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ پۈتكەنلىكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسلىدە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق ئىكەنلىكى، Google نىڭ نۆۋەتتە UI دا تەمىنلىگەن فونتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرسىتىشتە مەسىلە بارلىقى، بىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەردىن خالىي ھەقسىز فونتلىرىمزنىڭ بارلىقى، بىزنىڭ Google ئاساسىي ئىزدەش بېكىتىنىڭ UI سىنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى نۇسخىسىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىمىز توغرىسىدا ئېلخەت يېزىپ ئەۋەتكەن ئىدىم. بۈگۈن ئاخىرى قىسقا بولسىمۇ، ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
Thank you for your note, and we apologize for our delayed reply. We truly appreciate your suggestion, and we'll keep it in mind as we work to improve Google's Uyghur offerings.
Regards,
The Google Team
Regards,
The Google Team
تەرجىمىسى:
خېتىڭىزگە كۆپ رەھمەت ھەم كېچىكىپ كەتكەن جاۋابىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۇق ھەم Google نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىشلەش جەريانىدا تەكلىپلىرىڭىزنى ئېسىمىزدە ساقلايمىز.
ھۆرمەت بىلەن،
Google خىزمەت گۇرۇپپىسى
-------------------------------------------
بۇ خەت ھەقىقەتەن قىسقا، لېكىن ئەھمىيىتى زور (شەخسەن مەن شۇنداق ئويلايمەن). يەنى، ئالدى بىلەن، بىز ئۇلارغا Google نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدۇق. يەنە بىر ئەھمىيىتى، بۇندىن كېيىنكى ئالاقە ئۈچۈن، يول ئاچتۇق.

ناۋادا، VISTA دىكى «ف» ئوڭشالسا، ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان Mac مەھسۇلاتلىرىمۇ بازارنى قاپلىسا، Google نىڭ ئۇيغۇرچىسى پۈتۈپ چىقسا، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ مەنزىرىنى مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
مەنبە:
没有评论:
发表评论